خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرىكىتى ئەندىشە قوزغىدى

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرىكەتلىرى ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى قاتتىق بىئارام قىلماقتا.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 16-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەتتە يىلدىن بۇيان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەن ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تۇيۇقسىز بېيجىڭنىڭ سالاچىلىقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ كېلىشىم غەرب دۆلەتلىرىنى ھەيران قالدۇرغان. بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىشىش باسقۇچىدىن نورمال مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كېلىشىشى ئامېرىكىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققان.

ئۇندىن باشقا ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نورمال مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېلىشىمى ئىسرائىلىيەنىڭمۇ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققان بولۇپ، بۇنىڭدىن بىئارام بولغان ئىسرائىلىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىراننى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

خەلقئارا گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نورمال مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى پەقەت ئامېرىكىنلا ئەمەس ئىسرائىلىيەنىمۇ بىئارام قىلغانلىقى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نورمال دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇۋاپىق بولمىغان ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغانلىقى، نىتانىياھۇنىڭ نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىراننى تېخىمۇ يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى دۆلەت بېيجىڭدا تۈزگەن كېلىشىم يەنە تاراتقۇلارنىڭ ئۆزئارا ھۇجۇمىنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئىران سەئۇدى ئەرەبىستاننى ۋاشىنگىتوندىكى «ئىران خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن دەپ ئەيىبلىگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا ئىران خەلقئارا تېلېۋىزىيەسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان تاراتقۇسى ئەمەس، بەلكى شەخسىي شىركەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 891 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2023 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق