خىتاي چېگرادىن چىقىپ كوللېكتىپ ساياھەت قىلىش سىناق نۇقتىسىنى كېڭەيتتى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 14-مارتتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 15-مارتتىن باشلاپ پۇقرالارنىڭ چېگرادىن چىقىپ كوللېكتىپ ساياھەت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشقا يەنىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىنقى مەزگىلدە، خىتاي بىر قىسىم دۆلەتلەردە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىپ كوللېكتىپ ساياھەت قىلىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نۇقتىلىق سىناق قىلغان ھەم بۇنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يولغا قويۇشنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى، خىتايدىكى يۇقۇم ئەھۋالى مۇقىم ھالەتنى ساقلىغان بولغاچقا، پۇقرالارنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش ئېھتىياجىنىڭمۇ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ ۋېنبىن سۆزىدە يەنە يۇقىرىقى سەۋەبتىن، 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ پۇقرالارنىڭ چېگرادىن چىقىپ كوللېكتىپ ساياھەت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يەنىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى، مەسئۇل تارماقلار ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ئەتراپلىق تەشكىللەپ يولغا قويۇشىغا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوللېكتىپ ساياھەت قىلىشنى يولغا قويغان دۆلەت 40 غا كۆپەيگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە فىرانسىيە، گىرېتسىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، دانىيە ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەت ھەمدە قىتئەلەر ئارا ساياھەت قىلىدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىك دۆلەتلەر بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئىران، نېپال، ۋىيېتنام قاتارلىقلارمۇ خىتاي ساياھەتچىلىرى قىزىقىدىغان دۆلەتلەر ئىكەن. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ساياھەتچىلىرى ۋىيېتنام، ئىتالىيە، سېربىيە، فىرانسىيە ۋە ئىسپانىيەنى ساياھەت قىلىشقا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1005 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2023 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق