خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلانغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 15-مارت خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىران دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ئومان قولتۇقىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا-ئەنگلىيە-ئاۋسترالىيە ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى «AUKUS»قا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، «2023 بىخەتەرلىك بەلبېغى» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن «نەننىڭ» قوغلىغۇچى پاراخوتىنى ئەۋەتكەن.
ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، مانېۋىرغا قاتناشقان دۆلەتلەر دېڭىز ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ئەمەلىي جەڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، دېڭىز بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
مەزكۇر مانېۋىر ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى جىددىي بولۇۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن خىتاي خەلقئارادا بىتەرەپ مەيداندا تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاسترىتتىن رۇسىيەنى قوللىغان. رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلەشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ھەمدە غەربنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىدىن پايدىلىنىپ، رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق رۇسىيەنى ئۇرۇشنى داۋام قىلىشى ئۈچۈن مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن.
ئامېرىكا فوربېس تور بېكىتىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر قىلىشىچە، «AUKUS» مۇداپىئە كېلىشىمى ئاخىرىدا خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇ سەۋەبلىك خىتاي رۇسىيەگە «AUKUS» مۇداپىئە كېلىشىمىگە ئوخشاش ئىتتىپاق قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رۇسىيە ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم جىددىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ھەربىي ياردىمى بەدىلىگە خىتاينى سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغان.
فوربېس خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ئىران خىتاي-رۇسىيە-ئىران ئىتتىپاقىغا كىرسە، رۇسىيەنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكىسىنىڭ كېڭىيىشى ھازىرقى قالايمىقانچىلىقنى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپاغىچە كېڭەيتىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ