تەيۋەن يېڭىدىن كۈرەشچى ئايروپىلان ياساپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى

تەيۋەن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تۇنجى پارتلاتقۇچ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇشى ئۈچۈن ياردەم بەرگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىغا ئوخشايدىكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 14-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەندە ئىشلەنگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سومكىغا سىغىدىغان دەرىجىدە كىچىك بولۇپ، 15 مىنۇت ئۇچۇش ھالىتىدە ھاۋادا تۇرالايدىكەن. بۇ خىلدىكى بارلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا ئوخشاش، ئۇنى پەقەت بىرلا قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىكەن ھەمدە تۇنجى قېتىم زەربە بېرىشتە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىدىكەن.

تەيۋەن ھەربىي تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئاۋىياتسىيە سىستېمىسى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزىنى قوشۇپ ھۇجۇم قىلىدىغان ھاۋا ئاپپاراتى يېنىك ۋە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولۇپ، ئۇچالايدىغان چوڭ تىپتىكى قول بومبىسىغا باراۋەر ئىكەن. ئۇ تەيۋەننىڭ دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن نىشانلارغا ئۈنۈملۈك ھۇجۇم قىلالايدىكەن، شۇنداقلا بۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئۇچۇش مۇساپىسىنى 10 كىلومېتىرغا ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن يەنە ئۆزىنى قوشۇپ ۋەيران قىلىدىغان كېيىنكى ئەۋلاد ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ چوڭ تىپلار، تېخىمۇ يىراق نىشانغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 900 قېتىم كۆرۈلدى
15/03/2023 16:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق