ئامېرىكا تارىختىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى بولغان 842 مىليارد دوللارلىق خامچوت لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خىرىسلىرىغا جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 14-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە 2024-يىللىق مالىيە خامچوتىنىڭ جەمئىي 6 تىرىليون 800 مىليارد دوللار بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خامچوتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان بولۇپ، 842 مىليارد دوللار قېلىپ بېكىتكەن. بۇ سان ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا 26 مىليارد دوللار كۆپ بولۇپ، %3.2 ئاشقان.
بەشبۇرجەكلىك بىنا 13-مارت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خامچوتنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئېلان قىلغان. بۇ خامچوت ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.
مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كەسلىن ھىكس (Kathleen Hicks)خىتاي، رۇسىيە ، ئىران، شىمالىي كورىيە ۋە يەرشارى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىرىس ۋە تەھدىتلىرىنى تىلغا ئالغان ۋە شۇنداقلا خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتنىڭ جىددىيلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە بۇ خامچوتنى بېسىپ چۈشىدىغان باشقا نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.
كەسلىن ھىكىس يەنە: «بۇ خامچوت دۇنيادىكى ئەڭ ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدىغان، ئەڭ قەيسەر، تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغان بىرلەشمە كۈچ ھاسىل قىلىدۇ. بۇ كۈچ زۆرۈر تېپىلغاندا تەھدىتلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن لايىھەلەندى» دېگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكانىڭ مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشانى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ھەر كۈنى ئويغانغىنىدا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ خەۋپلىك ئاقىۋىتىنى ئوبدان ئويلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاخىرىدا «بۈگۈن تاجاۋۇز قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئەمەس» دەپ يەكۈن چىقىرىدىغان قىلىش، ھەتتا 2027، 2035 ياكى 2049-يىللىرىمۇ ئوخشاش يەكۈن چىقىرىشقا مەجبۇرلاش ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر بۇ خامچوت لايىھەسىنى پارلامېنت تەستىقلىسا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى»غا ئېرىشىدىكەن. بەشبۇرجەكلىك بىنا ھاۋا ئارمىيەسىنى ئۈزلۈكسىز زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە كۈچلۈك قورال-ياراغ ۋە ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشقا 61 مىليارد 100 مىليون دوللار ئىشلىتىدىكەن. ئۇندىن باشقا توققۇز يېڭى ئۇرۇش پاراخوتى ياساشقا 48 مىليارد 100 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، فورد دەرىجىلىك يادرو ئېنېرگىيەلىك ئاۋىياماتكىنىڭ كۆپىيىشىنى ساقلاپ قالىدىكەن ۋە كولومبىيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلىنىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتىنى كۆپەيتىدىكەن. 13 مىليارد 900 مىليون بولسا دوللار قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ