ھىندىستان تاشقى سودىدا خىتاي پۇلى ئىشلىتىشنى قوللىمىدى

ھىندىستان بانكا ۋە سودىگەرلەردىن رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلاردا خىتاي پۇلى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 13-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ ئەمەلدارى رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە ئېتىبار باھالىق كۆمۈرنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالغۇچىغا ئايلانغان بولۇپ، ھىندىستان تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ  دىرھەملىرى بىلەن سودا قىلىشنى خالىسىمۇ، ئەمما خىتاي پۇلىنىڭ تاشقى سودا راسچوتىغا ئىشلىتىلىشىنى قوللىمىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىشقا بىۋاسىتە قاتناشقان ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ھىندىستاننىڭ تاشقى سودىسىدا خىتاي پۇلى راسچوت قىلىنىشىغا نارازى ئىكەن. يەنە بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشىلانمىغۇچە، ھىندىستان خىتاي پۇلىنى راسچوت قىلىشقا يول قويسا بولمايدىكەن. ئەمما ھىندىستان ئەمەلدارلىرى ھىندىستاننىڭ خىتاي پۇلى (يۈەن) راسچوتىنى قوبۇل قىلىشنى خالىماسلىقىنىڭ ئارقىسىدا ئىقتىسادىي سەۋەبلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېيتمىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان مەركىزىي بانكىسى خىتاي پۇلىنىڭ تاشقى سودا راسچوتىغا ئىشلىتىشىگە قىزىقمايدىكەن. بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئىككى بانكا خادىمى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى خىتاي پۇلىنى ئىشلىتىشنى توسقانلىقىنى دەلىللىگەن. ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە سودىدا خىتاي پۇلى راسچوت قىلىشقا قىزىقىدىكەن. بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ خىتايدىن مال سېتىۋېلىشىغا ياردىمى بولىدىكەن.

ھىندىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، موسكۋا «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» دەپ سۈپەتلىگەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. ئۇندىن باشقا ھىندىستان يەنە رۇسىيە قوراللىرىنى ئاساسلىق سېتىۋالغۇچى دۆلەت ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئالدىنقى ئايدا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ دۇبەيدىكى سودىگەرلىرى سېتىۋالغان رۇسىيە نېفىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى دوللار ئەمەس، بەلكى دىرھەم ئارقىلىق تۆلەشكە باشلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 870 قېتىم كۆرۈلدى
15/03/2023 16:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق