تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق مۇناسىۋىتى مىنىستىرى چيۇ تەيسەن 9-مارت تەيۋەننىڭ ئېردەن ئارىلىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا يوقاپ كەتكەن تەيۋەن ئەسكىرىنىڭ خىتايدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەننىڭ جىنمېن ناھىيەسى ئېردەن ئارىلىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چېن فامىلىلىك 26 ياشلىق ئەسكەر يوقاپ كەتكىلى بەش-ئالتە كۈن بولغان بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن بۇ ئەسكەرنىڭ خىتاي دېڭىز قىرغىقى قوغداش پاراخوتى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق مۇناسىۋىتى مىنىستىرى چيۇ تەيسەن 13-مارت ئەتىگەندە: «چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپ بىزگە يوقاپ كەتكەن ئەسكەرنىڭ ئۇلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، ئەمما قارشى تەرەپتىكى تەرتىپلەر يەنىلا داۋاملاشماقتا. مېنىڭچە ئۇلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەسىلە ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى تاشقى دۇنياغا ئېلان قىلىدۇ» دېگەن.
13-مارت ئەتىگەندە چيۇ تەيسەن تەيبېي قانۇن پالاتاسىدا بۇ توغرۇلۇق دوكلات بېرىپ، مەسىلىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئېنىقلاشقا كىرىشكەن.
چيۇ تەيسەن مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر ئەسكەر 15-مارتقىچە قايتىپ كەلمىسە «قاچقۇن ئەسكەر» دەپ قارىلىدىغان-قارالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ مەسىلىنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىر تەرەپ قىلىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەلگىلىك مېخانىزمى بار، ئەسكەرنىڭ قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ