ئۈچ دۆلەت خىتايغا قارشى يادرو ئېنېرگىيەلىك پاراخوت پىلانىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ئەنگلىيە 13-مارت 2030-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئاۋسترالىيەنى يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن تەمىنلەش پىلانىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناكنىڭ ھەمراھلىقىدا كالىفورنىيەنىڭ سان-دىياگودىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلغان.

بايدېن سۆزىدە 2021-يىلىدىكى ئاۋسترالىيە-ئەنگلىيە-ئامېرىكا ئۈچ تەرەپلىك بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ (AUKUS) ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئەڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشىنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قىلغان ئورتاق ۋەدىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يىغىندىن كېيىن ئۈچ تەرەپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيەگە 2030-يىللارنىڭ بېشىدا ھەممىباب دىنامىك شىركىتى ياساپ چىققان ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە دەرىجىلىك ئۈچ يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنى سېتىپ بېرىدىغانلىقى، ئەگەر ئاۋسترالىيە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا قوشۇمچە ئىككى پاراخوت سېتىۋالسا بولىدىغانلىقى، ئۈچ تەرەپ بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياسايدىغان بۇ پاراخوتتا ئەنگلىيە لايىھەلىگەن پاراخوت گەۋدىسى ئاساس قىلىنغانلىقى، ئەڭ ئىلغار ئامېرىكا تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەنلىكى، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيەدە ياسىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئالبانېس مۇراسىمدا: «بىز بۇ يەردە تۈزگەن AUKUS كېلىشىمى تارىخىمىزدىكى ئاۋسترالىيەنىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەڭ زور مەبلەغ سېلىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ» دېگەن.

خىتاي AUKUS نىڭ پىلانىنى قانۇنسىز يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتى، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ پىلان ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تىۋىتتېر ھېسابىدا: «بۇ كېلىشىم يادرو كېڭىيىش خەۋپىنى كۈچەيتىدۇ، خەلقئارانىڭ يادرو كېڭەيتىشكە قارشى سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، رايوندا قورال-ياراغ رىقابىتىنى ئاشۇرۇپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا زىيان سالىدۇ» دەپ جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 899 قېتىم كۆرۈلدى
14/03/2023 13:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق