خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئاسماندىن قۇرت ياغقانلىقىغا ئائىت تارقالغان سۈرەت ۋە سىنلار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.
خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە ئاسماندىن قۇرت ياغقانلىقىغا ۋە كىشىلەرنىڭ كۈنلۈك تۇتۇپ رايوندىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدىكى سۈرەت ۋە سىنلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، خىتاي بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلمىدى.
نىيۇيورك پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىلمىي ژۇرنال تەبىئەت ژۇرنىلى مەزكۇر ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، قۇرتلارنىڭ كۈچلۈك شامال تەرىپىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ بىر مەزگىل سۈرۈلۈپ، شامالنىڭ كۈچى پەسەيگەندە يەرگە چۈشكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ژۇرنالدا يەنە بوران-چاپقۇندىن كېيىن ھاشارات ياغىدىغان بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ