ئەنگلىيە سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكىسى ۋە زاپچاسلىرىنىڭ تەيۋەنگە سېتىلىشىنى تېزلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە بۇلتۇر تەيۋەنگە ئاز دېگەندە 200 مىليون دوللارلىق سۇ ئاستى پاراخوتى تېخنىكىسى ۋە زاپچاسلىرىنى سېتىشنى تەستىقلىغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە خەلقئارا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ھۆكۈمەت بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا تەيۋەنگە 167 مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى قوراللارنى سېتىشنى تەستىقلىغان. ئۆتكەن ئالتە يىلدا تەيۋەنگە سېتىلغان قوراللار تېخىمۇ كۆپ بولغان.
ئامېرىكا ئەزەلدىن تەيۋەن ئىمپورت قىلغان قوراللارنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئادەتتىكى سۇ ئاستى پاراخوتى ئىشلەپچىقارمىغان. تەيۋەن باشقا دۆلەتلەردىن مۇنتىزىم سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ توسقۇنلۇقى ۋە تەھدىتى سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 13-مارت بېيجىڭدا يېپىلغان ۋە شى جىنپىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە ئۈچىنچى قېتىم رەئىسلىك تەختىگە چىققان. شى جىنپىڭ بۇ يىغىندىمۇ تەيۋەن مەسىلىسىگە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ