ئەركىنلىك سارىيى: خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئالدىنقى نىشان قىلدى

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئەركىنلىك سارىيى يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئالدىنقى يىللىرى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جىنايەتلىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى دەلىللىگەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، زىيانكەشلىك قىلىش سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى باشقا مىللەتلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ۋە مىللىي قۇرۇلمىسىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەنگەن ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

ئەركىنلىك سارىيى تەشكىللىگەن يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تەشكىلات رەئىسى مايكېل ئابراموۋىتز خەلقئارادا دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ چېكىنگەنلىكىنى، بولۇپمۇ بۇ چېكىنىش خىتايدا ئالاھىدە گەۋدىلەنگەنلىكىنى، بۇ چېكىنىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى خىتاينىڭ يۇقۇمنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم، رەھىمسىز باستۇرۇش ۋە ئىرقىي كەمسىتىش قىلمىشلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ بېرمىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان پاجىئەلەرگە ئوخشاش ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتتا 195 دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى «تولۇق ئەركىن، قىسمەن ئەركىن ۋە ئەركىن دۆلەت» دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىپ تەكشۈرگەن بولۇپ، بۇلار ئىچىدە خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ دېموكراتىك قائىدە ۋە قانۇنلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. خىتاي دېموكراتىك قائىدە ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن بارلىق دۆلەتلەر ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئەڭ ناچار ئورۇنغا تىزىلغان.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنىنى ئۆزگەرتىش، مەجبۇرىي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئەركىنلىك سارىيى تەييارلىغان 2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى ئادرىئان شاھباز دوكلاتقا ئالاقىدار قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ سىناق رايونى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى، بۇ رايوندىكى چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش رەھىمسىز دۆلەت تېررورلىقىنىڭ روشەن ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى قەستەن ۋە مەجبۇرىي ئۆزگەرتكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرى ۋە خىتايدىكى تۈرمىلەرگە قامىغانلىقىنى، ئاكادېمىكلارنى، دىنىي ئۆلىمالارنى، مەدەنىيەت-سەنئەت خادىملىرىنى تۇتقۇن قىلغاندىن باشقا، قەدىمكى بىناكارلىق ۋە مەدەنىي يادىكارلىق ساھەلىرىدىكى ۋەكىللەرنىمۇ قويماي قولغا ئالغانلىقىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەردە خىتاي تىلىدىن باشقا تىل بىلەن سۆزلىشىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، دىن، ئۆرپ-ئادەت، كىيىم-كېچەك، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە قىممەت قارىشىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى لاگېرلارغا سولاپ، ئەقىدىسى ۋە دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتلارنى دەلىللىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 916 قېتىم كۆرۈلدى
13/03/2023 17:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق