خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى داۋاملىق ئاشكارىلانماقتا

خىتاي يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ، خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى داۋاملىق پاش قىلماقتا.

ئالدىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر سىندا بالىلار لاگېرىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى يەسلى يېشىدىكى ئون نەچچە ئۇيغۇر بالىدىن: «سىز نەلىك بالا؟» دەپ سورىغان بولۇپ، نارىسىدە بالىلار خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئۆگەتكىنى بويىچە بىردەك: «مەن جۇڭگولۇق» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ سىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتا-ئانا ۋە تۇغقانلىرىدىن ئايرىپ تاشلىغان ۋە ئاتالمىش «ياتاقلىق مەكتەپ»، «پەرىشتىلەر باغچىسى» دەپ ئاتىۋالغان بالىلار لاگېرىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئېچىپ بەرگەندىن سىرت، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرخىل يالغان-ياۋىداقلىرى بىلەن ئالداش بىلەن بىرگە، جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە قاماش، پەرزەنتلەرنى ئائىلىدىن ئايرىش جىنايىتىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق يوقىتىش جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى بالىلار لاگېرلىرىدا خىتاي قىلىپ تەربىيەلەشكە كۈچەۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1249 قېتىم كۆرۈلدى
13/03/2023 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق