خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زوراۋانلىق قىلمىشى كۈچىيىپ، فىلىپپىن بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈركىلىشى بارغانچە ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشقان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ فىلىپپىن «راپلېر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، 9-مارت فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئايروپىلانى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىق سىپراتلى ئارىلى ئۈستىدە ئۇچۇۋاتقاندا، سىمسىز تېلېگراف ئارقىلىق خىتاي زېمىنىدىن دەرھال ئايرىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇشى تالاش-تارتىشتىكى تاقىم ئاراللارنىڭ ئەتراپىدا كۈندىلىك ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قەيت قىلىنىشىچە، خىتايدىن باشقا بۇ تېررىتورىيەدە ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىۋاتقان يەنە تۆت دۆلەت بار بولۇپ، مالايشىيا، ۋىيېتنام، بىرۇني ۋە تەيۋەنمۇ بۇ ئاراللارنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. نۆۋەتتە فىلىپپىنمۇ خىتاي پاراخوتلىرىغا خىتايغا ئوخشاش ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولۇپ، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ فىلىپپىننىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ 42 پاراخوتى ئارالغا يېقىن جايدا ھەرىكەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتى ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئايلىنىشقا باشلىغان.
خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز زېمىنى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان سىپراتلى ئارىلى قاتارلىق تالاش-تارتىشلىق رايونلارغا نەچچە يۈز دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچى ئەترىتى ۋە نامدا «بېلىقچىلىق كېمىلىرى»نى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارال قۇرۇپ چىققان ۋە مەزكۇر سۈنئىي ئاراللارغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچۇش يولى تەسىس قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ