ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى»: مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرىمىز

خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان 14-نۆۋەتلىك خىتاي قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاتالمىش «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىشقان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 10-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇرۇپپا يىغىنىغا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن قاتارلىقلار قاتناشقان. ئۇلار يىغىندا: «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىمىز» دەپ بىلجىرلاشقان.

يىغىندا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان بولۇپ: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئىدېئولوگىيە بازىسى مۇستەھكەملەندى. بۇندىن كېيىن، داۋاملىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ جار سېلىشقان.

خىتاي ئالدىنقى بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تېررور سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولىغان. ئاتالمىش «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» قاتارلىق رەزىل پىلانلىرى بويىچە، ئۇيغۇرلارنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تارقاقلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن يىراقلاشتۇرغان، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى بولسا مەجبۇرىي ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ، خىتاي تىلى ۋە خىتاي مەدەنىيەت مۇھىتىدا پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇپ، دىنىي ئەقىدە، مىللىي ئاڭ، مىللىي تۇيغۇ، مىللىي مەدەنىيەتتىن مەھرۇم ھالدا تەربىيەلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي بۇ قېتىم ئىككى يىغىن ئېچىلغاندىن ھازىرغىچە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قاتارلىق سەپسەتىلىرى بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى، بۇ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1558 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2023 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق