ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزالىرى خىتاينى ھوللېۋودتىن قوغلاپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسى سۇندى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پارلامېنت ئەزاسى مارك گىرىن ئىشخانىسى 8-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى «كوممۇنىست رېجىمنىڭ تەھرىرلەشكە قاتنىشىشىنى دەرھال توسۇش» ناملىق قانۇن لايىھەسىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇ قانۇن لايىھەسى ھوللېۋودنىڭ خىتاينىڭ تەكشۈرۈش تۈزۈمىگە باش ئېگىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى مارك گىرىننىڭ ئېيتىشىچە، 117-نۆۋەتلىك پارلامېنتتا ئېكران قانۇنى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، خىتاي كوممۇنىست رېجىمى ئامېرىكىدا پىكىر ئەركىنلىكىنى تەكشۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «كومپارتىيەنىڭ كىنوچىلىق ساھەمىزنى تەشۋىقات قورالى قىلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك» دېگەن.
مارك گىرىن يەنە: «بىز ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، خىتايغا ئاغزىڭنى يۇم، دەيدىغان جۈرئەتلىك فىلىم شىركىتىگە موھتاج. مەن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ قانۇن لايىھەسى تېخىمۇ كۆپ ھوللىۋود كىنو شىركەتلىرىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ» دېگەن.
مارك گىرىن ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، «ئېكران قانۇنى»نىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مەلۇم بىر كىنو خىتاي شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەنگەن بولسا، فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ ھوللىۋود كىنو شىركىتىنىڭ ئۇ كىنونى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىشىنى توسۇش... قاتارلىقلار ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ