ئامېرىكا ئىرانغا ياردەم قىلغان بەش خىتاي شىركىتىنى جازالىدى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 9-مارت بەش خىتاي شىركىتىنىڭ ئىراننى ئاۋىياتسىيە زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى سەۋەبلىك جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تور ئارقىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان ئاۋىياتسىيە زاپچاسلىرىنى ئىران ئاۋىياتسىيە سانائىتى شىركىتىگە ساتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر سودىغا ئالاقىدار خىتاينىڭ بەش شىركىتىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي شىركىتى ياردەم قىلغان ئىران ئاۋىياتسىيە سانائىتى شىركىتى ماي باكىنى نىشانلىغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك «گۇۋاھچى-136» ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ياساشقا قاتناشقان ھەمدە ئىران بۇ خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلغان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورلۇق ۋە پۇل-مۇئامىلە رازۋېدكا ئىشلىرىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى بىرايىن نېلسون باياناتىدا: «رۇسىيە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىران سودا تورى ئارقىلىق، ئۇكرائىناغا قانۇنسىز تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋالغان. ئىراندىن سېتىۋالغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ئۇكرائىنادا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا ئىراننىڭ بۇ سېتىۋېلىش تورىنى دائىم ئىز قوغلاپ زەربە بېرىدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جازالاش تەستىقلانغان بەش خىتاي شىركىتى خاڭجۇ فۇياڭ ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتى، خوڭكوڭدا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتقان راۋېن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، گۈيلىن ئالفا كاۋچۇك تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شېنجېن كاسپرو تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يۈن شيايۈەن ئىسىملىك بىر خىتايمۇ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىران ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى رۇسىيەگە ساتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ سودىنىڭ بۇلتۇر 24-فېۋرال رۇسىيە ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىشتىن بۇرۇنقى ئىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 859 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2023 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق