خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قىسقىچە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىنىڭ نىشانىنى قايتا تەكىتلىدى.
باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىدىن باشقا ھېچقانداق نىشان خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولالمايدۇ! ئاسارەت داۋام قىلغانسېرى ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ لاگېرلىرى تاقالسىمۇ، زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق پەرقلىق ئىسىملار بىلەن تۈرمە، زىندان، تەربىيەلەش ئورنى ۋە مەكتەپ بولۇپ داۋام قىلىۋېرىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ قان ۋە كۆز يېشىمۇ ئېقىۋېرىدۇ، ئەۋلادلىرىمىز خىتايلىشىش ۋە ماڭقۇرتلىشىشقا يۈزلىنىۋېرىدۇ. قانخور ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە خىتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش سىياسىتى بىلەن بىخلانغان زۇلۇملىرى تۈگىمەيدۇ، بىرسى ئاياغلاشماي يېڭى بىرى باشلايدۇ».
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باياناتتا يەنە: «خەلقىمىزنىڭ تەپەككۇر ۋە ئىدىيەسىدە، نىشان ۋە غايىسىدە ۋە دەۋاغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ پىروگراممىسى، پىلان ۋە ئىستراتېگىيەسى، تەشكىلىي ئاپپاراتنىڭ قۇرۇلمىسى، شەكلى، سىياقى، سۆزى، شوئارى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىدە ئېنىق ۋە روشەن تەرىقىدە تولۇق مۇستەقىل بىر شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا بولغان ئىرادە ۋە نىشان ئوچۇق نامايەندە بولۇشى كېرەك. مىللىتىمىز، ئىتىپاقداشلىرىمىز، دۈشمىنىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئالدىدا ئوچۇق ۋە كەسكىن ئىرادىمىزدە مۇستەھكەم تۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.
باياناتتا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇستەقىللىقنى نىشان قىلغان ۋە بۇ يولدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن ماس قەدەمدە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىدىن تەڭ ئىلگىرىلەشنى مەقسەت قىلغان بىر سىياسىي تەشكىلىي ئاپپارات بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋاز كېچىلمەس نىشان ۋە سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئۇتۇق قازىنىش كاپالىتى، دەپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.