دائىش زەربە بېرىش نىشانىنى خىتايغا قاراتتى

دائىشنىڭ خۇراساندىكى تارمىقى ئەڭ قاتتىق زەربە بېرىش نىشانىنىڭ بىرى خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دائىشنىڭ ئافغانىستاننىڭ خۇراسان ئۆلكىسىدىكى تارمىقى ئېلان قىلغان 48 مىنۇتلۇق بىر سىندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ قىرغىن قىلىش قىلمىشىدىن ئازاد قىلىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي نىشانلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار بۇ سىن ئېلان قىلىنىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى 117 بەتلىك خىتايغا زەربە بېرىش قوللانمىسى تارقاتقان بولۇپ، قوللانمىدا خىتايغا زەربە بېرىشتىكى ئاساسلىق مەقسەتنىڭ تالىبانلار بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان كىشىلىك  ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشىغا قارشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايغا زەربە بېرىش ھەققىدە قوللانما تارقاتقان مەزكۇر گۇرۇپپا دائىشنىڭ خۇراسان تارمىقى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. بۇ گۇرۇپپا 2015-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى ئافغانىستان، پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا بىرلىككە كەلگەن خەلىپىلىك دۆلىتى قۇرۇش ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپا تارقاتقان سىنلىق كۆرۈنۈشتە، گۇرۇپپىنىڭ ئىككى ئەزاسىنىڭ 2022-يىلى 12-دېكابىر ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلغا جايلاشقان خىتاي ئىگىلىكىدىكى گۈييۈەن مېھمانخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

سىندا دائىشنىڭ خۇراسان تارمىقى يەنە: «ئالىي غايىمىزنىڭ بىرى، ئورنىمىزدىن دەست تۇرۇپ، خىتاي كاپىرلىرىنى ئۆلتۈرۈپلا قالماي، شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى خىتاينىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ بەختكە ئېرىشتۈرۈش» دېگەن.

ئۆتكەن يىلى -12دېكابىر كابۇلدا چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان خىتاي مېھمانخانىسى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ۋەقەدە 21 ئادەم ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 18 ى يارىلانغان. ئۈچى دوختۇرخانىغا يۆتكەش داۋامىدا ئۆلگەنىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 13-دېكابىر دائىشنىڭ خۇراسان تارمىقى كابۇلدىكى مېھمانسارايغا قىلىنغان ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خىتاي پۇقرالىرىغا يوليورۇق بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئافغانىستاندىن بالدۇرراق ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1625 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2023 16:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق