گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش مۇھەممەد قارلۇق 20-فېۋرال ۋېلىسىپىت بىلەن باشلىغان ۋىجدان سەپىرىنى، يەنى 950 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى 20 كۈندە تاماملاپ، گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئاخىرلاشتۇردى.
2019-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان مۇھەممەد قارلۇق 20-فېۋرال خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا گېرمانىيە ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ۋېلىسپىت بىلەن «ۋىجدان سەپىرى»نى باشلىغانىدى ۋە يول بويى شەھەرمۇ شەھەر، يېزىمۇ يېزا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىپ ماڭغانىدى.
مۇھەممەد قارلۇق سەپەردىن بۇرۇن كارۋان ماشىنىلىرىغا تەقلىد قىلىپ ۋېلىسىپىتقا ئۇلاش ئۈچۈن بىر كوزۇپ ياساپ چىققان بولۇپ، كوزۇپنىڭ ھەر تەرىپىگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ۋە شوئارلار بىلەن بېزىگەن بولۇپ، قىشنىڭ ئەڭ سوغۇق كۈنلىرىدە سەپىرىنى باشلىغان ۋە كېچىلىرى ئاشۇ كوزۇپنىڭ ئىچىدە ئۇخلىغان.
گېرمانىيەنىڭ ھېمېر شەھرىدىن 20-فېۋرال يولغا چىققان مۇھەممەد قارلۇق 9 كۈندە 550 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، 1-مارت كارلسرۇخې شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ۋە ئۇ يەردىن ئۆتۈپ 9-مارت ئاخىرقى نىشانى بولغان گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن.
ميۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزىي ئىشخانىسىدىكى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى خادىملار ئۇنى ئىشخانا ئالدىدا يولغا چىقىپ كۈتۈۋالغان بولۇپ، كۆرۈشۈشتىن كېيىن، سەپەر جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەنلىرى ھەققىدە سۆھبەتتە بولغان.
مۇھەممەد قارلۇق شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلا شەھىرىدىن بولۇپ، ۋەتەندىن ئايرىلغىنىغا ئالتە يىل بولغان. ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلغاندا قىزى مۇخلىسە ئىككى ياشتا بولۇپ، ھازىرغىچە قىزىنىڭ سۈرىتىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر