ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، خەلقئارا ئاياللار كۈنى ۋە ئاياللار تارىخى ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن لاگېر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە مېھرىگۈل تۇرسۇن، شۇنداقلا بىرلەشمىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىمدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت 6-مارتتىن 9-مارتقىچە ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئايال پارلامېنت ئەزالىرىنى زىيارەت قىلدى.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ فېيسبۇكتىكى ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ئۈچ كۈنلۈك مەزكۇر زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىدىكى يىگىرمە نەچچە پالاتا ئەزاسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋەتەندە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ گۇۋاھلىق بەرگەندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستاندا مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئىچكى ئورگانلىرى سېتىلىۋاتقان، بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاھۇ-زارىنى سۆزلەپ، ئۇلاردىن ھەرۋاقىت خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرۇشنى، خىتايغا قارشى چىقىرىلغان قانۇنلارنى تېزراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
زۇمرەت خانىم يەنە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىر كۈندە سەككىز ئىشخانىغا كىرىپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى كۆز ياشلىرى بىلەن سۆزلەش جەريانىدا، پالاتا ئەزالىرىنىمۇ يىغلاتقانلىقىنى، قاتتىق تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز پۈتۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازىنى، تارتىۋاتقان دەردلىرىنى ئاڭلىتالىدۇق، پۈتۈن ئۇيغۇر ئاياللىرى زۇلۇمدىن قۇتۇلغان كۈنى بىزگە بايرام دېدۇق» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر