خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى: بۆلگۈنچىلىككە قارشى تەدبىرلەرنى داۋاملىق چىڭىتىمىز

خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 8-مارتتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق چىڭىتىپ، زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلو-ۋەقەلىرى يۈز بەرمەسلىكىدىكى تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلايمىز» دەپ جار سالدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، سىياسىي بىخەتەرلىكنى قەتئىي قوغداش، ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىپ، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىم ھالقىلارنى ئۆزى تەشكىللەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئۆزى نازارەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئاتالمىش تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق چىڭىتىپ، زوراۋانلىق تېررورلۇق دېلو-ۋەقەلىرى يۈز بەرمەسلىكىدىكى تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلىشى كېرەكلىكىنى، تور بىخەتەرلىكى دەرىجىسىنى قوغداش ۋە ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى جار سالغان.
باياناتتا يەنە خىتاي يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىشتا باھانە سۈپىتىدە يولغا قويغان ئاتالمىش «بۇلۇت شەمشىرى»، «مەنبەدىن تازىلاش»، «كوئېنلون»، «تۈلكە ئوۋلاش» قاتارلىق مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلايدىغانلىقىنى، «ئاخبارات، قوماندانلىق، ھەرىكەت»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، لايىھە ۋە دەسلەپكى لايىھەنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاتالمىش «بالدۇر سىگنال بېرىش، بالدۇر يېتەكلەش، بالدۇر تىزگىنلەش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىش» نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى، قورال-ياراغ، ئوق-دورا، خەتەرلىك، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇم، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب قاتارلىق نۇقتىلىق بۇيۇملارنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىككە ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ، باستۇرۇپ قىرغىن قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىز-ئېرىقلاردا ئىشلىتىدىغان كەتمەن، گۈرجەككىچە، ئۆي ۋە دۇكانلاردىكى پىچاققىچە لازىر نۇر بىلەن كىملىك بېكىتكەنلىكىنى، پىچاقلارغا زەنجىر سالغانلىقىنى، بۇنىڭدىنمۇ خاتىرجەم بولالمىغان ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ھەرخىل ناملار بىلەن تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قېتىم ئالاھىدە زەربە بېرىشنى تەكىتلىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بۇ يىلمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 777 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2023 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق