ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھۆكۈمەتنى خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ يادرو تەھدىتىگە قارشى، ھۆكۈمەتنى «خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ئىستراتېگىيەسى»نى يولغا قويۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئارمىيە ئىشلىرى كومىتېتى 8-مارت 2024-مالىيە يىلى ئىستراتېگىيەلىك كۈچلەر ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى يادرو قوراللىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئادەتتىكى تېز زەربە بېرىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈچلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە پىلانلارنى ئېنىقلاش ۋە نازارەت قىلىش ئىكەن.

ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى، نۆۋەتتىكى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك كۈچلەر گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى دوگ لامبورن  رۇسىيە، خىتاي ۋە شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو تەھدىتىنى تىلغا ئالغان.

لامبورننىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ «يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش شەرتنامىسى»نى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، پۇتىننىڭ ئامېرىكىنىڭ شەرتنامىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى دەۋا قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئىستراتېگىيەلىك قوماندانلىق ئورگىنىنىڭ ياردىمىدە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تېزلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

لامبورن سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئويلىمىغان يەردىن يادرو قورال ئامبىرىنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇپ، بارلىق ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، رۇسىيە ئاتوم ئېنېرگىيە شىركىتى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك يادرو تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا يېتەرلىك ماتېرىيال بىلەن ياردەم قىلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ خىل مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ھەققىدە ئەڭ ياخشى ئىستراتېگىيە پىلانىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لامبورننىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سانى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئىستراتېگىيەلىك قوماندانلىق تېخىمۇ ئېنىق نىشانغا موھتاج ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 681 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2023 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق