گوللاندىيە ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى 8-مارت ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئۆزەك ئېكسپورتىنى چەكلەش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشقا يېڭى چەكلىمىلەرنى قويۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك ياساش ئورگانلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە ئېكسپورت چەكلىمىسى قويغان بولۇپ، مەزكۇر چەكلىمىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ گوللاندىيە ۋە ياپونىيەدىكى باشقا ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ قوللىشىغا موھتاج ئىكەنلىكى، مەزكۇر تەمىنلىگۈچىلەر يەنە ئۆزەك ياساش تېخنىكىلىرىنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىر نەچچە ئاي سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

گوللاندىيە سودا مىنىستىرى لىسجې شىرېينېماخېر پارلامېنتقا يازغان خېتىدە بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ياز پەسلىگىچە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇنىڭ خېتىدە گوللاندىيەنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى ياكى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تېخنىكا شىركىتى ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىسى ASML گۇرۇھى تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما مەزكۇر قارار گوللاندىيەنىڭ بىر قانچە شىركىتىگە تەسىر قىلىدىكەن.

شىرېينېماخېر خېتىدە: «گوللاندىيە بۇ تېخنىكىنى تېزدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىشنى زۆرۈر دەپ قارىغانلىقتىن، ئىچكى كابىنېت تېزلىكتە كونترول تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى گوللاندىيەنىڭ پىلانىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ گوللاندىيە تەرەپ بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 623 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2023 15:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق