شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۆرۈنۈشلىرى داۋاملىق ئاشكارىلانماقتا

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

8-مارت فېيسبۇكتا تارقالغان بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، مەلۇم بىر يېزىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاشارغا سېلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. خۇددى بۇرۇنقى سىنلاردا كۆرسىتىلگىنىگە ئوخشاشلا، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قىز-ئاياللار بولۇپ، كەتمەن-گۈرجەكلەر بىلەن ئۆز كۈچىگە ماس كەلمەيدىغان ئېغىر ئىشلارغا سېلىنغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئىلگىرى ھاشارغا ئائىلىلەردىكى ئەرلەر مەجبۇرلىنىدىغان بولۇپ، بۈگۈنكىدەك ئەرلەر ئاساسەن جازا لاگېرىغا، تۈرمىلەرگە قامالغان بىر ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئائىلىسىنى قامداشتىن سىرت، ئېغىر ھاشارغا سېلىنماقتا.

خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇن ھاشار سىياسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تەۋەلىكىدە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلىپ، يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھازىرغا قەدەر كۈچەيتىپ ئىجرا قىلماقتا. شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىر تەرەپتىن سىياسىي ئۆگىنىش قاتارلىق باھانىلەر بىلەن مەنىۋى جەھەتتىن باستۇرۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھاشار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكلەر بىلەن جىسمانىي جەھەتتىن خورلانماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1485 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2023 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق