خىتاي رېجىمى 7-مارت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، چەت ئەلدىكى ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشى تەسىرىدە، خىتاينىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش خەۋپىگە پۇل پاخاللىق مەسىلىسى قوشۇلۇپ، خەلقئارانىڭ خىتاي ماللىرىغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ تۆۋەنلىگەن.
بۇلتۇر 12-ئايدا خىتاي رېجىمى تۇيۇقسىز خىتاي شىركەت-كارخانىلىرىنىڭ تىجارىتىگە تەسىر قىلغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. خىتاينىڭ بۇ قارارى نەتىجىسىدە يۇقۇملانغۇچىلار كۆپىيىپ، 1-ئايدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشقان.
خىتاي تاموژنىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ بۇ يىل 1-، 2-ئايدىكى ئېكسپورتى يەنە ئازلاپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 تۆۋەنلىگەن. ئانالىزچىلار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ چۈشۈشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خىتاينىڭ مۇھىم بازارلاردىكى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش خەۋپى سەۋەبلىك، ئېكسپورت يەنىلا مۇرەككەپ بولىدىكەن.
بۇلاردىن سىرت، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان گېئوپولىتىكلىق جىددىيچىلىك سەۋەبلىك، ئىشلەپچىقىرىش ياكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى خىتايدىن يۆتكەۋاتقان شىركەتلەرمۇ كۆپەيگەن. بۇ خىل جىددىيچىلىكنىڭ تەسىرىدە، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قىلغان ئېكسپورتى بۇ يىل 1-، 2-ئايدا %21.8 تۆۋەنلىگەن، ئىمپورتى بولسا %5 تۆۋەنلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ