فىلىپپىن خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

فىلىپپىننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، فىلىپپىن بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى بارغانسېرى بىۋاسىتە تالاش-تارتىشقا ئۆزگىرىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن تاراتقۇلىرى فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ 4-مارت جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان تىتۇ ئارىلىدا خىتاينىڭ قوغدىغۇچى پاراخوتى، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 42 پاراخوت ۋە 40 دېڭىز ساقچىسى پاراخوتىنىڭ ئارالدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى باياناتىدا خىتاي پاراخوتىنىڭ ئىجازەتسىز ھالدا رايوندىكى ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى فىلىپپىننىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ئوچۇق-ئاشكارا دەخلى-تەرۇز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 1946-يىلى جياڭ جېشې ھۆكۈمىتى «جۇڭيې» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىنى ئەۋەتىپ، مەزكۇر ئارالغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىغان. بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر ئارال خىتايلار تەرىپىدىن «جۇڭيې ئارىلى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ، تەيۋەننىڭ كونتروللۇقىدا بولغان. 1971-يىلى 4-ئايدا تەيۋەن قاراۋۇلخانىسى قاتتىق بوراندىن پاناھلىنىش ئۈچۈن ئارالدىن چېكىنگەن. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا فىلىپپىن ئەسكەرلىرى تىتۇ ئارىلىنى ئىگىلىگەن.

تەيۋەننىڭ رەسمىي مەتبۇئاتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا تەيۋەن جەنۇبىي دېڭىزغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان ۋە تىتۇ ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتمەكچى بولغان، ئەمما ھۆكۈمەت ئۇنى توسۇپ قالغان. شۇندىن بۇيان فىلىپپىن بۇ ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ، ئارالغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە خەلقئارا دەرىجىلىك ئايرودۇرۇم ئۇچۇش يولى ياساشنى پىلانلىغان. تىتۇ ئارىلى فىلىپپىن ئۈچۈن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بازا بولغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ئۆز تېررىتورىيەسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشىنى ئەيىبلىگەن. شۇ سەۋەبلىك ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىشقا قاراپ ئۆزگەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 876 قېتىم كۆرۈلدى
08/03/2023 16:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق