چىن گاڭ: خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەيۋەن مەسىلىسىگە باغلىق

خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك ئاتالمىش «خەلق قۇرۇلتىيى» داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، 7-مارت بېيجىڭدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يېڭى سايلانغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چىن گاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىدە تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىغا ئاساسەن خەلقئارالىق ھەمكارلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چىن گاڭ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ھەمكارلىققا تايىنىپ، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىش ۋە ئاكتىپ ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ۋە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت قۇرۇلمىسى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

چىن گاڭ يەنە مۇخبىرلارنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى سودا ئىشلىرىدا دوللار ياكى ياۋرودىن ۋاز كېچىدىغان-كەچمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك پۇلنى ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

چىن گاڭ تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە خىتاينىڭ ئاتالمىش ئاساسىي قانۇنىنى تىلغا ئېلىپ، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، بۇ بارلىق خىتايلارنىڭ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكى، تەيۋەن مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش خىتاينىڭ ئىشى ئىكەنلىكى، ھېچقانداق تەرەپنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقى ھەققىدە جار سالغان.

چىن گاڭ يەنە تەيۋەن مەسىلىسىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتاينىڭ تىنچ بىرلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، خىتاي بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش يولىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئېنىق بەلگىلەنگەنلىكىنى، ھېچكىمنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ پوپوزا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 770 قېتىم كۆرۈلدى
08/03/2023 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق