خىتاي قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش تەكىتلەندى

خىتاي رېجىمى -14نۆۋەتلىك ئاتالمىش «خەلق قۇرۇلتىيى» 1-يىغىنىدىكى خىزمەت دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى ئاشۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى تېخىمۇ نۇقتىلىق ھالدا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 7-مارتتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقىنى قېزىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، 3-ئاي كىرگەندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلۇشلاردا ئىش باشلاش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ تەكلىماكان قۇملۇقىدا كەڭ-كۆلەملىك قۇرۇلۇشلار باشلانغان. تارىم نېفىتلىكىدىكى فۇمەن، غەربىي شىمال نېفىتلىكىدىكى شۇنبېي قاتارلىق رايونلاردا قۇدۇق جازىلىرى تىكلىنىپ نېفىت - گاز يىغىپ خىتايغا توشۇش تۇرۇبا لىنىيەسى ھەر تەرەپكە تۇتۇشۇپ، بۇرغىلاش ماشىنىلىرى كۆپەيگەن. خىتاي خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بىر ھەپتە ئىلگىرىلا تارىم نېفىتلىكىدىن خىتاي رېجىمى «گولې 3C» دەپ ئاتىۋالغان نېفىت قۇدۇقى 9375 مېتىرغىچە بۇرغىلانغان.

خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، تارىم ئويمانلىقىدىكى چوڭقۇرلۇقى 6000 مېتىردىن 10 مىڭ مېتىرغىچە بولغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پۈتۈن خىتايدىكى ئومۇمىي مىقدارنىڭ 83.2 ۋە 63.9 نى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن پۈتۈن يەرشارىنىڭ 19 ىنى ئىگىلىگەن. خىتاي نۆۋەتتە 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك ئىككى چوڭ نېفىت زاپىسى جىمىسار سىلانېتس مېيى ۋە ماخۇ زىچ قورام تاشلىق نېفىتىنى ئېچىشنى تېزلەتكەن. 2022-يىلى جىمىسار سىلانېتس مېيىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 500 مىڭ توننىدىن ئاشقان، ماخۇ قورام تاشلىق نېفىتلىكىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 3 مىليون 400 مىڭ توننىغا يەتكەن. خىتاي «14-بەش يىللىق پىلان»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش مىقدارىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1 مىليون 700 مىڭ توننا ۋە 5 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرخىل بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، 2022-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 413 مىليون توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا 28 ئاشقان. خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 32 مىليون 133 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا 7.5 ئاشقان. تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 40 مىليارد 670 مىليون كۇبمېتىرغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا 4.9 ئاشقان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ئېلىپ كېتىۋاتقان بارلىق يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىغا ئائىت ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان بايلىقلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ساندىن نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1366 قېتىم كۆرۈلدى
08/03/2023 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق