7-مارت ئىستانبۇلنىڭ سېلىمپاشا رايونىدا ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇلۇشىغا لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەقفىنىڭ ساھىبخانلىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، مۇراسىمغا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۆلىمالار، جامائەت ئەربابلىرى، سېلىمپاشادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇلۇشى كانادادىكى شىمالىي ئامېرىكا ئىسلامىي جامائەت ياردەم تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن قۇرۇلىدىغان بولۇپ، مەھەللە قۇرۇلماقچى بولغان ئورۇن ئىستانبۇل شەھەر مەركىزىدىن30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سېلىمپاشا رايونىغا جايلاشقان.
مەزكۇر ئۇيغۇر مەھەللىسىگە يېتىم-يېسىرلار ئۈچۈن 64 يۈرۈش ئولتۇراق ئۆي قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، مۇراسىمدا ھەرقايسى تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇشنىڭ ئەۋلادلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسى، مىللىي كىملىكى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىغا ۋاسىتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئاخىرىدا قۇرۇلۇشنىڭ غەلىبىلىك باشلىنىشىنىڭ تۇنجى قەدىمى سۈپىتىدە لېنتا كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ