-8مارت خەلقئارا ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە، جۈملىدىن قىز-ئاياللارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرىغا قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، تۈركىيە IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى ئاياللار بۆلۈمى ۋە خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىدى.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە، بولۇپمۇ ئاياللارغا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررور سىياسىتىگە قارشى باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتىدا: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاياللارغا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىگە يەتتى. شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللار دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئۇ بايانىدا يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى، ئىسلام دۇنياسىنى ۋە ب د ت باشلىق خەلقئارالىق ئورگانلارنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى خەلقئارالىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىردى.
ئۇندىن باشقا IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى ئاياللار بۆلۈمىدىن ئائىشە مۇزەييەن تاشچى، خەلقئارا مۇساپىرلار ھوقۇقى جەمئىيىتىدىن زەينەپ ئەرتىكىن، مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى فاتىمە ئەززاھرا مۇھەممەد قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئېغىر كۈنلەردە بۆلۈنمەسلىكىكە، تېخىمۇ كۈچلۈك بىرلىشىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ