ب د ت خىتاينى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ۋولكېر تۈرك 7-مارت خىتايدىن تەدبىر قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئاۋسترالىيەلىكلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلىت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىك قىلمىشىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ بېكىتكەن دوكلاتنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، خىتاي غەرب دۆلەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن.

ۋولكېر تۈرك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەمدە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى قوغداشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئۇ سۆزىنى خىتايغا قارىتىپ، ب د ت نىڭ نۇرغۇن قاتناشقۇچىلار بىلەن بىر قاتار ئالاقە يوللىرىنى ئېچىپ، رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئوخشىمىغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىشخانىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى، بولۇپمۇ خالىغانچە كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىش قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بايقاپ، بۇ ئەھۋاللارنى ياخشىلاش ئۈچۈن، خىتايغا كونكرېت ھەرىكەتكە ئۆتۈش ھەققىدە مۇھىم تەكلىپلەرنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ چاقىرىق ۋولكېر تۈركنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆزلىگەن نۇتقى ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىنىڭ دەرىجىسى قانۇن ۋە سىياسەتكە ئاساسلانغاندا شەخسلەر ۋە گۇرۇپپىلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئاساسىي ھوقۇقلارنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەن ۋە مەھرۇم قىلغان ئەھۋال ئاستىدا خەلقئارالىق جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە قىلىنغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 722 قېتىم كۆرۈلدى
08/03/2023 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق