كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو مۇستەقىل ئالاھىدە مۇپەتتىشنىڭ خىتاينىڭ يېقىنقى سايلامغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ت ر ت خەۋەرنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيىنلىنىدىغان تەكشۈرگۈچى مۇپەتتىش 2019-ۋە 2021-يىلدىكى فېدېراتسىيە سايلىمى توغرىسىدىكى مەخپىي دوكلاتلارنى تەكشۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى سايلامغا تەۋسىيە بېرىدىكەن.
رەقىب سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى ئاشكارا تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى مەزكۇر سايلامغا ئارىلاشقانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇ ئەيىبلەشنى «پۈتۈنلەي ئاساسسىز ۋە تۆھمەت» دېگەن.
تىرۇدو دۈشەنبە كۈنى ئوتتاۋادا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، كانادانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىرىس قىلىدىغان دوكلاتلارنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالغانلىقىنى ۋە كانادالىقلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا: «مەن ھوقۇق دائىرىسى كەڭ، ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش ۋە دېموكراتىيەمىزنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كەسپىي مەسلىھەت بېرەلەيدىغان مۇستەقىل ئالاھىدە مۇپەتتىشنى تەيىنلەيمەن» دېگەن.
تىرۇدو تەكشۈرگۈچى مۇپەتتىشنىڭ تېخى تاللانمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پات يېقىندا بىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
«يەرشارى»، «پوچتا گېزىتى» ۋە «يەر شارى خەۋەرلىرى» قاتارلىق بىر قاتار تاراتقۇلار ئۆتكەن ھەپتە كانادا ئىستىخبارات مەنبەلىرىدىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يېقىنقى ئىككى قېتىملىق فېدېراتسىيە سايلىمىغا ئارىلاشقانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاشكارىلىغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر