شى جىنپىڭ ئۆز گۇرۇھنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا

5-مارت بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاتالمىش «خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى» شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق رەئىسلىك ئورنىنى قايتا مۇقىمدايدىغان مۇھىم يىغىن، دەپ قارالماقتا.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدا ئېچىلىۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيى بۇ يىللىق خىتاي سىياسىتىنىڭ يۆلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان يىغىن بولغاندىن باشقا، شى جىنپىڭ ئالدىنقى يىلى ئۆكتەبىردە ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئۈچىنچى قېتىملىق رەئىس بولۇپ سايلانغان بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئېچىلىدىغان بولغاچقا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزىگە سادىق بولغان ئىتتىپاقداشلىرىنى كومپارتىيە سىياسىي ئورگىنى ئەتراپىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. پارتىيە ئىچىدىكى بارلىق دۈشمەن گۇرۇھلار ۋە شەخسلەرنى ئالماشتۇرىدىكەن ياكى تازىلايدىكەن.

خىتاي قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلگەن شەخسلەرنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا ئورگانلار ئۆزگەرتىلىدىكەن ياكى قايتا تەشكىللىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتنىڭ سابىق رەئىسى 63 ياشلىق لى چياڭ ئۆتكۈزۈۋالىدىكەن. گەرچە ئۇ بۇلتۇر ۋىرۇس يۇقۇمىنى تىزگىنلەش مەسىلىسىدە ئاپەت خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ نامى چىققان، ئەزەلدىن مەركىزى ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە ئۆتىمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ شى جىنپىڭنىڭ سادىق ئىتتىپاقدىشى بولغانلىقتىن شى جىنپىڭ ئۇنى خىتاينىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا كومپارتىيەدىكى 2-نومۇرلۇق شەخسكە ئايلاندۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 704 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2023 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق