بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى كومىتېتى 6-مارت دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ۋىرۇس ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتنى ئاشكارىلاش، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى دەرھال توختىتىش ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشقا چاقىردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر كومىتېت دوكلاتتا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلىشى ئۈچۈن بىر قاتار تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر كومىتېت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى توغرىسىدىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدىغان بولۇپ، 18 مۇستەقىل مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى كومىتېت ھېسابلىنىدۇ. كومىتېت ئېلان قىلغان دوكلاتتا خىتاي، كامبودژا، لىتۋانىيە، پاناما، پورتۇگالىيە ۋە يەمەن قاتارلىق ئالتە دۆلەت تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا خىتاي دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا، خوڭكوڭدا مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى تەسىس قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇشقا چاقىرىلغان.
دوكلاتتا يەنە خىتاينى ئەمگەك ھوقۇقى، دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانىنى بېكىتىش ۋە ئائىلە زوراۋانلىقىغا زەربە بېرىش، ئاياللارنىڭ تۇغۇت مەزگىلىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىنى كۆپەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاقىدار قانۇنلارنى يېڭىلاشقا چاقىرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ