ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى پۈتۈن ئامېرىكىدىكى پورتلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان خىتايدا ئىشلەنگەن چوڭ كىرانلارنىڭ جاسۇسلۇق قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مەخپىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 6-مارتتىكى ەۋە خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدا ئىشلەنگەن مەزكۇر پورت كىرانلىرى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پورتلاردا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەۋە بىر قانچە پورتلاردىمۇ ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ ئەھۋال ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە بەشبۇرجەكلىك بىنا ئەمەلدارلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇلار بۇ كىرانلارنى «تىرويا ياغاچ ئېتى»غا ئوخشىتىشقان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر كىرانلارنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى شاڭخەي جېنخۇا ئېغىر سانائەت شىركىتى ئىكەن. گەرچە جېنخۇا ئېغىر سانائىتى كىرانلىرىنىڭ باھاسى ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا قاچىلىغان يۈك ساندۇقلىرىنىڭ مەنبەسى ۋە ئورنىنى تىزىملايدىغان ۋە ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدىغان مۇرەككەپ سېنزورلار بولغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ كىرانلارنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ماتېرىيال توشۇش ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلىشى ھەققىدە ئەندىشە پەيدا بولغان.
ئامېرىكىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش سابىق ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىرانلار سودا پائالىيىتىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق مەخپىي ئۇچۇر توپلايدىغان بولغاچقا، كەلگۈسىدە ئىككىنچى خۇاۋېي بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەكىلى ۋال كوچىسى گېزىتى مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «ئامېرىكىدىكى بۇ ئەندىشىلەر ساراڭلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق بولۇپ، ئامېرىكا نۆۋەتتە خىتاي بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ جار سالغان. جېنخۇا ئېغىر سانائىتى شىركىتى بولسا بۇ مەسىلىگە تېخى جاۋاب قايتۇرمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ