ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ جاۋابى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشكارىلىدى

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر سىندا بىر ئوقۇتقۇچى بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىدىن: «سىزنى ئەڭ ئازابلاۋاتقان ئىشلار نېمە؟» دەپ سورىغان بولۇپ، مەسۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى، ئاتا-ئانا ۋە تۇغقانلىرى ھايات تۇرۇپ ئايرىلغان بالىلارنىڭ كۆپلۈكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

3-مارت فېيسبۇكتا تارقالغان ئالتە مىنۇتلۇق بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئون نەچچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىدىن «سىزنى ئەڭ ئازابلاۋاتقان ئىشلار نېمە؟» دەپ سورىغان.

ئوقۇغۇچىلار بۇ سوئالغا بىر بىرلەپ: «دادام قاچان قايتىپ كېلىدۇ؟»، «تاغام قاچان قايتىپ كېلىدۇ؟»، «نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم مېنى ئۇرۇپ تىللايدۇ؟»... دېگەندەك جاۋابلارنى بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى: «سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟» دەپ سورىغان. بىر ئوقۇغۇچى: «بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئوقۇتقۇچى قىزغا تەسەللىي بېرىپ: «بۇ مەسىلىنى كېيىنچە ھەل قىلايلى، بولامدۇ؟» دېگەن.

يەنە بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى بولسا ئوخشاش سوئالغا: «دادام نېمە ئۈچۈن دائىم ئۆگىنىشكە بارىدۇ؟» دەپ جاۋاب بەرگەن بولۇپ، ئوقۇتقۇچى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيىتىنى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ قويغان جاۋابتىن بىئارام بولغان ۋە: «بىزمۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمىز، بىزمۇ تىرىشىپ تۇرمۇش كەچۈرىمىز، شۇ سەۋەبلىك بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ ئوقۇشى كېرەك. ئوقۇشىمىز ياخشى بولسا، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانچە ياخشىلىنىدۇ. بىرلىكتە تىرىشايلى بولامدۇ؟ دادىڭىز ئۆگىنىشنى تۈگەتكەندىن كېيىنلا بەختلىك بولىدۇ، شۇنداققۇ؟» دەپ ئۇنى قايىل قىلماقچى بولغان.

بۇ سىننىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرخىل يالغان-ياۋىداقلىرى بىلەن ئالداۋاتقان بىر پەيتتە، جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە قامىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېخىچە قويۇپ بەرمىگەنلىكىنى، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تېخىچە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن پەيتتە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈرۈپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش جىنايەتلىرىنى، تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن مەھبۇسلارنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈنتەرتىپتىن قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى قايتا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1774 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2023 16:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق