خىتاي -14نۆۋەتلىك ئاتالمىش «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى» 1-يىغىنىدا خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ دىننى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 5-مارت باشلانغان مەزكۇر يىغىن 13-مارتقىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىن يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئاتالمىش ۋەكىللەر 3-مارت بېيجىڭغا يېتىپ بارغان.
5-مارت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن لى كېچياڭ دىنغا قارشى تېررور سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ: «پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىشىمىز كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.
خىتاي ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى ۋە ھېلىھەم ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۇلماقتا ۋە دىندىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانماقتا. شۇنداقلا خىتاي رېجىمى مەيلى شەرقىي تۈركسىتان، مەيلى مەركەزدە ئاچقان ھەرقانداق يىغىنلىرىدا ئاتالمىش «دىننى خىتايلاشتۇرۇش» سەپسەتىسىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ