خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئەجەللىك قورال بىلەن تەمىنلەش ئېھتىماللىقى دىققەت قوزغىدى

ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا تاراتقۇلىرى خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئەجەللىك قورال بىلەن تەمىنلەپ، رۇسىيە ئۇكرائىنا ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلىشماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازى ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى» 5-مارت ئېلان قىلغان خەۋەرنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغىنىغا بىر يىل بولغان پەيىتتە، يېقىندا ئۇكرائىنا ئۆزىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، تاشقى دۇنيانىڭ دىققىتى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەل قىلغۇچ بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى بار-يوقلۇقىغا يەنە بىر قېتىم مەركەزلەشكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان ياكى تەمىنلىمەيدىغانلىقى دىققەت قوزغىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي سەپەرۋەرلىك قىلىدىغانلىقى، ئامبار زاپىسىدىن تېخىمۇ كۆپ كونا قوراللارنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان بولسىمۇ، رۇسىيە ئېھتىياجلىق بولغان ئۈسكۈنىلەر يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن.

غەرب ئانالىزچىلىرىنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ھالقىلىق پەيتتە، خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، بۇ نۇقتىنىڭ ئۇرۇش ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيەنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان خىتاينىڭ ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدىغان ياكى ئوينىمايدىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە باشلىغان. خىتاي رۇسىيەنىڭ قوللىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان رۇسىيە تاجاۋۇزچى قىسىملىرىنى ئۇكرائىناغا قارشى تېخىمۇ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىشقا ئېھتىياجلىق قوراللار بىلەن تەمىنلەشكە باشلايدىغانلىقى، خىتاينىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قارارى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىنلىكى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقارغان ھەر خىل قوراللارنى سىناق قىلىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 803 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2023 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق