خىتاي بۇ يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، %7.2 ئاشۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي يەر شارى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى 5-مارت بۇ يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ %7.2 ئېشىپ، بۇلتۇرقى %7.1 دىن ئازراق يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما مەزكۇر خامچوت خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى GDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن %5 ئەتراپىدا يۇقىرى ئىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىندا خىتاي ئارمىيەسىنى جەڭ تەييارلىقىنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي مۇداپىئە خامچوتىنى ئۇدا سەككىز يىل بىر خانىلىق سان بويىچە ئاشۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، 2023-يىللىق ئومۇمىي مۇداپىئە خامچوتى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن (224 مىليارد دوللار) بولۇپ، 2013-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە كۆپەيگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يىلدىن-يىلغا ئاشۇرۇلغان دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى خىتاينىڭ قوشنىلىرى ۋە ئامېرىكا تەرەپنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ۋە ھەربىي تەرەققىياتىغا دىققەت قىلغان.
بولۇپمۇ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى جىددىي ۋەزىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا بولۇپ، خىتاي دۇنيادا چوڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسى بولغان بىر كۈچ بولۇپلا قالماي، بەلكى چوڭ دېڭىز ئارمىيەسىگە ئىگە رېجىم بولۇپ، يېقىندا ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىسىنى ئارمىيەدە ئىشلىتىشكە باشلىغان.
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندا ئەڭ چوڭ ھاۋا ئارمىيەسى بار بولۇپ، كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تۆتىنچى ياكى بەشىنچى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلاندىن تەركىب تاپىدىكەن. خىتايدا يەنە نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا شۇنداقلا كۆلەڭگە ئايروپىلان، يادرو قورالى سەپلىگىكى بولىدىغان بومباردىمانچى ئايروپىلان، ئىلغار پاراخوت ۋە يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوت قاتارلىق قوراللىرى بار بولۇپ، مۇنتىزىم ئارمىيەسىنىڭ سانى 2 مىليونغا يېتىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ