خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى «2022-يىللىق خەلق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئىستاتىستىكا دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇس 1 مىليارد 411 مىليون 750 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكىدىن 850 مىڭ ئادەم ئازايغان. بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر-بازارلاردىكى دائىملىق نوپۇس 920 مىليون 710 مىڭ بولغان. ئۇندىن باشقا 0 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان نوپۇس 239 مىليون 80 مىڭ، 15 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان نوپۇس 892 مىليون 630 مىڭ بولغان.
ئۆتكەن بىر يىلدا 9 مىليون 560 مىڭ بوۋاق تۇغۇلغان بولۇپ، تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰6.77 بولغان. 10 مىليون 410 مىڭ ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلۈش نىسبىتى ‰7.37 بولغان، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰0.60- گە چۈشۈپ قالغان.
قەيت قىلىنىشىچە، يۇقىرىقى مەلۇماتلار خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 31 ئۆلكە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلار»، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە رەسمىي ھەربىيلەرنىڭ نوپۇسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ جايلاردا ئولتۇراقلاشقان خوڭكوڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە باشقا چەت ئەل ئاھالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە قېرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدەك كىرىزىسلارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغانىدى. ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نوپۇس كۆپىيىشىنى چەكلەش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ