ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى رەسمىي قۇرۇلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مالايشىيا زىيارىتى جەرياندا مالايشىيادىكى ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى جىددىي كېڭەيتىشى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن تارىخىي بىر قەدەم تاشلاندى.

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە «ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى» رەسمىي قۇرۇلغان بولۇپ، 3-مارت مالايشىيا پايتەختى كۇۋالالۇمپۇردا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا مالايشىيادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئالىملار، ئاكادېمىكلار، ئاخبارات ۋەكىللىرى، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئۇزۇندىن بۇيان مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيەنى ئاساس قىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات ۋە سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، ھەمكارلىشىپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان مالايشىيادا ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بويىچە خەلق دىپلوماتىيەسى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئالاقە، پىكىر ئالماشتۇرۇش، تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنىدى.

ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئاساسىدا قۇرۇلغان تۇنجى تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2282 قېتىم كۆرۈلدى
04/03/2023 12:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق