ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2-مارت ب د ت دا «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئېچىلغان. يىغىنغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن سىنلىق نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتقىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى قايتا تىلغا ئېلىپ، بۇ مەسىلىگە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ بۇلتۇر ئاۋغۇست ئېيىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە جىنسىي زوراۋانلىق قىلىش قاتارلىق ئېغىر زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ۋە بۇ جىنايەتلەرنىڭ ئىشەنچلىك پاكىتلار ئارقىلىق بېكىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇلتۇر باچېلېت ئىشخانىسى تەييارلاپ ئېلان قىلغان 48 بەتلىك دوكلاتتا: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىنىڭ دەرىجىسى قانۇن ۋە سىياسەتكە ئاساسلانغاندا، شەخسلەر ۋە گۇرۇپپىلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئاساسىي ھوقۇقلارنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەن ۋە مەھرۇم قىلغان ئەھۋال ئاستىدا خەلقئارالىق جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە قىلىنغانىدى.
دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان جازا لاگېرلىرىدىكى قىيىن-قىستاققا ئېلىش، نامەلۇم دورىلارنى مەجبۇرىي يېگۈزۈش، ناچار شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇش، ئاياغ-ئاستى قىلىش... قاتارلىق جىنايەتلەر قەيت قىلىنغان ۋە «بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئىشەنچلىك» دەپ باھا بېرىلگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ