خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ مالايشىيا زىيارىتى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەيئەت 2-مارت مالايشىيا دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسىدىن شاھرىزان جوھان بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇردى ۋە مالايشىيا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.
ھەيئەت 2-مارت يەنە مالايشىيا مائارىپ مىنىستىرى فادھلىنا سىدېك بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، مائارىپ مىنىستىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان دوكلاتنى سۇندى. ئۇندىن باشقا مىنىستىردىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ۋە مالايشىيا پارلامېنتىدا قۇرۇلماقچى بولغان ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى.
ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە مالايشىيا پارلامېنتى رەئىسى باش كاتىپى ئابدۇلھادى خالىد بىلەن كۆرۈشتى ۋە پارلامېنتتا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇش» مەسىلىسى ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى.
ھەيئەت پارلامېنتتىكى زىيارەتلىرى داۋامىدا مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەر، پارلامېنت ئەزالىرى، سابىق ۋە يېڭى مىنىستىرلار ھەمدە مۇھىم سىياسىي ئەربابلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. ھ
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ