ئامېرىكا تەيۋەننى F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان بىلەن تەمىنلەشنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا تەيۋەننى F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلەشنى تەستىقلىغان بولۇپ، خىتاي بۇ قارارغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 2-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تەيۋەنگە يېڭى بىر تۈركۈم قورال سېتىشنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قورال تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ھەمدە تەيۋەننىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەرىكەت جەھەتتە ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1-مارت پارلامېنتقا تەيۋەنگە ئەڭ يېڭى قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى قورال سېتىش مەسىلىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، بۇ قورال بىلەن تەمىنلەش F-16 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 619 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ھەر خىل قوراللار بولۇپ، ئەڭ يېڭى قورال سېتىشنىڭ تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى ۋە بىر خىتاي سىياسىتىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بەشبۇرجەكلىك بىنا چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا تەيۋەنگە ئەڭ يېڭى قورال سېتىلغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان بولۇپ، تەيۋەن تەرەپ 100 دانە AGM-88B تىپلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك رادىياتسىيەگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا (HARM) ۋە 200 دانە AIM-120C-8 تىپلىق ئىلغار ئوتتۇرا مۇساپىلىق ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى (AMRAAM) نى تەلەپ قىلغان.

بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ باياناتىدا دېيىلىشىچە، تەيۋەن تەلەپ قىلغان مەزكۇر تەمىنلەش تەلىپى ئىچىدىكى قوراللار ھاۋا بوشلۇقى ۋە رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ھەمدە تەيۋەننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدىكەن.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى تەيۋەندە تۇرۇشلۇق ئەسكەر سانىنى 100 دىن 200 گە كۆپەيتىپ، تەيۋەن ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدىكەن ھەمدە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان قورال تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدىكەن. تەھلىلچىلەر تەيۋەنگە ئورۇنلاشقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يوشۇرۇن ئۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشمە ھەرىكەتكە تەييارلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 924 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2023 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق