خىتاي خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتتى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، كۆپلىگەن يەر ناملىرىنى ۋە تۈرلۈك ئورۇنلارنىڭ ناملىرىنى ھەر خىل باھانە بىلەن ئۆزگەرتمەكتە.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 28-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى يېقىندا خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى «خوتەن كۈنگاڭ ئايرودۇرۇمى» دەپ ئۆزگەرتكەن بولۇپ، خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ ناملىرىنىڭمۇ ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي رېجىمىنىڭ خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش قىلمىشىنى يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن باھانىسى بولسا، خوتەن ئايرودۇرۇمى 1931-يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى بىر قەدەر بالدۇر بولغاچقا، ئايرودۇرۇم مەخسۇس نامى كەم بولۇپ، ئاتالمىش «تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش بەلگىلىمىسى» نىڭ 38-ماددىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى، ئاتالمىش خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن كەڭ دائىرىدە بۇ ھەقتە پىكىر ئالغاندىن كېيىن، خوتەن ئايرودۇرۇمىنىڭ نامىنى كۈنگاڭ ئايرودۇرۇمىغا ئۆزگەرتكەنلىكى، «كۈنگاڭ» دېگەن نامنىڭ خىتاينىڭ جەنۇب ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن لياڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «مىڭ سۆزلۈك دەستۇر»دىكى «قاشتېشى كۈنگاڭدىن چىقىدۇ» دېگەن شېئىردىن نەقىل ئېلىنغانلىقى، بۇنىڭ چوڭقۇر تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتى قاتارىدىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنى ئېتىقادى ۋە دۇنيا قارىشىغا چەكلىمە قويۇپ، تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاپ قىرغىن قىلغاندىن باشقا، ئىسىم قويۇشقىچە ئارىلاشقانلىقىنى، خىتاي بۇ خىل تېررور سىياسىتىنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىمۇ ئىجرا قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەر ناملىرى، كەنت-يېزىلارنىڭ ئىسىملىرىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى، جاللات ماۋزېدۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل ئەمەلدىن قالغان ئىسىم ئۆزگەرتىش قىلمىشىنىڭ يېقىنقى مەزگىلىدە ھەرخىل باھانىلەر بىلەن قايتا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى، يەر ناملىرىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستاننى تۈپتىن خىتايلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1748 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2023 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق