كېنىيە خەلقى خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى

كېنىيەنىڭ نايروبىدىكى خىتاي سودا سارىيى كېنىيە خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى سەۋەبلىك تاقالدى.

كېنىيەدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 28-فېۋرال كېنىيە پايتەختى نايروبىدا خىتاي سودىگەرلىرىگە قارشى زور كۆلەملىك نامايىش قوزغالغان بولۇپ، بۇ نارازىلىق نامايىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ كېنىيە سودا ساھەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىدىن بولغان.

كېنىيە سودىگەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي سودىگەرلىرى كېنىيەدە ئاچقان بىر سودا سارىيىدا ماللارنى ئىنتايىن ئەرزان باھادا سېتىپ، شۇ يەردىكى سودىگەرلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن. شۇ سەۋەبلىك كېنىيەلىكلەر كوچىغا چىقىپ نارازىلىق نامايىشى قىلىپ، خىتاينى كېنىيەدىن چىقىپ كېتىشكە چاقىرغان ھەمدە چىقىپ كەتمىگەن تەقدىردە تەدبىر كۆرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن كېنىيە ھۆكۈمىتى خىتاي سودىگەرلىرى بىلەن بولغان ئىجارە توختامىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى ۋە تىجارەت سورۇنلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ سودا شىركىتى كېنىيەنىڭ ساختا پۇل ياساشقا قارشى تۇرۇش ئورگىنى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، خىتاي سودا سارىيىمۇ تاقالغان. خىتاي تاراتقۇلىرى بولسا كېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى خىتاي سودىگەرلىرىنى كېنىيەدىن قوغلاشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي بۇزغۇنچىلىق دېيىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ كېنىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي تاللا بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، كېنىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي شىركەتلىرىنى ئادىل سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 836 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2023 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق