ياۋروپا پارلامېنتى تىك توكنى چەكلىدى

ياۋروپا پارلامېنتى ئۇچۇر بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى تىك توكنى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ بارلىق خىزمەت ئۈسكۈنىلىرىدە ئىشلىتىشنى چەكلەش قارارى چىقاردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 2-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى روبېرتا مېتسولا ۋە باش كاتىپ ئالېساندرو چىيوچېتتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 20-مارتتىن باشلاپ تىك توكنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق قول كومپيۇتېر، يانفون ياكى تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق خىزمەت ئۈسكۈنىلىرىگە چۈشۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، سەيشەنبە كۈنى كەچتە ياۋروپا پارلامېنتى ئەمەلدارلىرى پارلامېنتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكىنى قوللاش باش ئىدارىسى (DG ITEC) ئارقىلىق 8000 دىن ئارتۇق ئەمەلدار ۋە خىزمەتچىگە مەكتۇپ ئەۋەتكەن. مەكتۇپتا پارلامېنتتىكى كومپيۇتېرلاردا تىك توك ئىشلىتىش چەكلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى، شۇنداقلا يېڭى سايلانغان ۋەكىللەر ۋە پارلامېنت ياردەمچىلىرىنىڭمۇ شەخسىي ئۈسكۈنىلىرىدىن تىك توكنى ئۆچۈرۈۋېتىش تەلەپ قىلىنغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ 15-مارتقىچە تىك توك دېتالىنى ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەكلىكىنى، 27 ئەزا دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ياۋروپا كېڭىشىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

تىك توك شىركىتى چارشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ قارار پاكىتنى ئەمەس، بەلكى خاتا تونۇشنى ئاساس قىلغان قورقۇنچلۇق قارار، تىك توك گۇرۇھى بۇ ساھەدىكى باشقا شىركەتلەرگە ئوخشاش باراۋەر مۇئامىلە قىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 744 قېتىم كۆرۈلدى
03/03/2023 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق