مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ تۈرلۈك ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنمەكتە.
ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر قىز ئەرفىيە ئەلى ياپونىيەدە تۇنجى بولۇپ سىياسىي سەھنىگە چىققان ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆتكەن يىلى ھاكىمىيەتتىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولۇپ سايلامغا قاتناشقان ۋە ئىنتايىن ئاز پەرق بىلەن سايلىنالمىغان بولسىمۇ، قىلچە بوشاشماي سىياسەت سەھنىسىدىكى قەدەملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ۋاشىنگتوندىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا سىياسەت كەسپىدە ئوقۇغان، ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا سىياسەت ئىنستىتۇتى، دۇنيا بانكىسى، ياپونىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن ئەرفىيە ئەلى نۆۋەتتە بۇ يىل 23-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغا لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بىردىنبىر پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسى ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئۇ كىشىدا ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭ پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ لەۋھە تەقدىم قىلغان.
ياپونىيەدىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە ياپونىيەدە سىياسىي ساھەگە قەدەم تاشلىغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالغان ئەرفىيە ئەلى ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە «شىنجاڭ» دېگەن نامنى ئىشلىتىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ۋە بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىسلىسىز زۇلۇملار» دېگەن جۈملىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانىكەن. ئەرفىيە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ سايلام رىقابىتىگە قىزىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر