تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيا پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيادىكى زىيارەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ھەيئەت بۈگۈن مالايشىيا سېلانگور ۋىلايىتىنىڭ دىنىي ئىشلار رەئىسى ئىشخانىسىدا زىيارەتتە بولدى.

ھەيئەت زىيارەت داۋامىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور ۋە ئىرقىي قىرغىن قىلىش سىياسىتىنى تونۇشتۇردى. ئۇندىن باشقا دىنىي ئىشلار رەئىسىدىن مالايشىيانىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ب د ت قاتارلىقلار خەلقئارالىق مۇنبەر ۋە يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى.

زىيارەت ئاخىرىدا زاۋاۋى ئەپەندىگە ئۇيغۇر دوپپىسى كىيىدۈرۈلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىندى.

ھەيئەت بۈگۈن يەنە مالايشىيا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇش پىلان بويىچە، ئىلگىرىكى زىيارەتلىرىدە ئورناتقان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

بۇنىڭ جۈملىسىدىن مالايشىيا بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ئىچىدە بولغان ئاماناھ نېگارا پارتىيەسى ئەزاسى ئازىل يۇسۇف ۋە پارتىيە باش كاتىپى نۇر ھاياتى بىلەن كۆرۈشتى.

شۇنداقلا ھەيئەت يەنە مالايشىيانىڭ ئاياللار، ئائىلە ۋە تەرەققىياتقا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئەيمەن ئەتھىرا خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركسىتان ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتنى ۋە نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە ئاياللارنىڭ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 779 قېتىم كۆرۈلدى
02/03/2023 16:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق