ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە مەبلىغىگە ئېرىشكەن ئۆزەك شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى تىجارىتىنى كېڭەيتىشىگە چەكلىمە قويدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 28-فېۋرال قارار چىقىرىپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دائىرىسىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە مەبلىغىگە ئېرىشكەن ئۆزەك شىركەتلىرى خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىش كۆلۈمىنى 10 يىلغىچە كېڭەيتىشتىن چەكلەنگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قارار ئۆتكەن يىلى ئىمزالانغان «ئۆزەك ۋە ئىلىم-پەن قانۇنى»غا ئاساسەن چىقىرىلغان بولۇپ، 39 مىليارد دوللارلىق فېدېراتسىيە مەبلىغىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆزەك پروگراممىسى ئىشخانىسى پات ئارىدا مەبلەغ ئىلتىماس قىلىدىكەن.
ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى گىنا رايموندو:«ئامېرىكا بىر قاتار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، مەزكۇر مەبلەغنى تاپشۇرۇۋالغۇچى شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كاپالەت قىلىشى كېرەك» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە «مەبلەغكە ئېرىشكۈچىلەر مەبلەغنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن. ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسىنى 10 يىلغىچە كېڭەيتىشىنى چەكلەيدىغان كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك» دېگەن.
گەرچە گىنا رايموندو خىتاينى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزەك قانۇنىغا ئاساسەن دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر خىتاي، شىمالىي كورىيە، ئىران ۋە رۇسىيە ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ